پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى، زور ھۆكۈم چىقىرىلىپ، كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ھالىتى شەكىللەندۈرۈشتىن مۇتلەق غەلىبە قىلىشقىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، زور نەتىجىسى نامايان قىلىندى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنى قايتىدىن ھازىرلىنىپ يولغا چىقىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا راۋاجلاندۇرۇپ، مەڭگۈ يولدا بوشاشماي مېڭىش ئارقىلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى.

1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە كۆرسىتىلگەن چىنلىڭ تېغى بويىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنى تۈزەشنىڭ باشتىن-ئاخىرىغىچە بولغان جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاخبارات مەخسۇس فىلىمى «ئىستىل تۈزىتىشنى ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇش» كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، غايەت زور ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت يىل ئىچىدە ئالتە قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە تەستىق سالدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر مۇئاۋىن شۇجىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. 2018-يىلى 7-ئايدىن بۇيان، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى شىئەن تەۋەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان 1100 دىن ئارتۇق داچا قانۇن بويىچە چېقىپ تاشلاندى، نۇرغۇن رەھبىرى كادىر ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى.

چىڭ تۇتۇپ بوش قويۇۋەتمەسلىك، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇش، قىلچە يۇمشاق قىلماسلىقتىن ئىبارەت گۈلدۈرماما ھەرىكىتى-يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇنقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلدى شۇنداقلا يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ ئېنىق يولى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچى بولسا بولمايدۇ» دېگەن سۆز بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە، بىز مۇشۇنچىلىك بولسا بولدى، بوشىتىدىغان چاغ كەلدى، ھاردۇق ئالساق بولىدۇ دېگەن قاراشلاردا بولساق بولمايدۇ، بىر مەيدان كۈرەشنى ياخشى قىلىپ بولۇپلا بىر مېھنەت بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرۈشنىڭ كويىدا بولساق بولمايدۇ، دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا ئىشنى يىغىشتۇرۇش ئويىدا بولساق بولمايدۇ» دېدى.

2018-يىلى كىرگەندىن كېيىنكى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم پۈتۈن پارتىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ناھايىتى كۈچلۈك خەتەر ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دېدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئېچىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2019-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجە يارىتىلغانلىقى»نى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش زۆرۈر» دەپ ئېنىق ھالدا قايتا تەكىتلىدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئەسلى مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، توختىماي يېڭىلىق ياراتساقلا، بىز چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشالايمىز.