سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ ۋېي: ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت ۋە توردا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرەيلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ ۋېي يېقىندا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى» بۇ يىلقى چىڭ تۇتىلىدىغان بىرىنچى مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىش- جۇڭگو ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىچكى بازىرى، مۇكەممەل كەسىپ سېستىمىسى، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان يارىتىش ئىقتىدارى، قولايلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە سودا مۇھىتى بار، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئېلىپ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك ئېلاستىكلىققا ئىگە.

مياۋ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز بىر كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى، سىياسەت سىستېمىسىنى بېكىتىشىمىز شۇنداقلا تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى بېكىتىشىمىز كېرەك، تەجرىبىخانا مەھسۇلاتلىرىدىن زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىغىچە بولغان ئورتاقلىققا ئىگە ھالقىلىق تېخنىكىلاردىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئاجىزلىقلارنى ھەل قىلىشىمىز، قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياسىشىمىز كېرەك.

بۇ يىلدىن باشلاپ، كېيىنكى ئىككى يىلدا بىز كۈچنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ 13- بەش يىللىق پىلاندىكى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش نىشانىنى تېخى ئورۇنلاپ بولمىغان ئۆلكىلەرنى قوللايمىز، كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا ئاساسەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىپ، قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز.

مياۋ ۋېي يەنە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يادرولۇق تۈرتكىلىك رولى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە 5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش 5G سىناق چاستوتىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تارقاتتى. مياۋ ۋېي مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئاساسەن، 5G نى سودىغا ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىر قانچە شەھەردە ۋاقىتلىق نومۇر تارقىتىپ، كەڭ كۆلەملىك گۇرۇپپا تورىنى قىسمەن شەھەرلەردىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدى بىلەن ئىشقا ئېشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سودىغا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلار ھەقىقىي ھازىرلىنىشى مۇمكىن، يەنى 5G يانفون، pad بازارغا سېلىنىشى مۈمكىن.