ۋاڭ چىشەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈتىۋېلىش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە قالتىس سىياسىي جاسارەت بىلەن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ھەققىدە تارىخىي قارار چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئىدى. مۇشۇ 40 يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەينى يىللىرى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشى تەس بولغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى غايەت زور نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈشتى، تېلېفونلاشتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىربىرىگە تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، 40 يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىم بولۇش ئاساسىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتكە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشى؛ بىربىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەردە ئۆز قارشىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىربىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە كونتىرول قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى؛ يېڭى رېئاللىققا ماسلىشىپ، مەنپەئەتنىڭ بېرىكىش نۇقتىسىنى ئۆزلۈكسىز تېپىپ چىقىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى؛ ئوچۇق كۆكسى-قارنى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشى كېرەك.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇ. ئامېرىكىنى ئۆزئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە پايدىغا ئېرىشىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كاتېر تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇلانسىتېد، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئەرباپلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.