چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى شۆبە مەيدانى يەرلىكتە ساياھەت قىزغىن دولقۇنى قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەن، جىلىننىڭ چاڭچۈن ۋە گۇاڭدوڭنىڭ شېنجېندە ئۈچ شۆبە مەيدان تەسىس قىلىندى، چاغانلىق ئۇزاق ئارام ئېلىشتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر كېچىلىكنى كۆرۈش ئۈچۈن تۇشمۇ تۇشتىن كېلىپ يەرلىكنىڭ ساياھىتىگە تۈرتكە بولدى.

جىڭگاڭشەن شۆبە مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە يەر شارىدىكى تاماشىبىنلارغا قىزىل جىڭگاڭشەن، يېشىل جىڭگاڭشەننى بىۋاستە ھىس قىلدۇردى، چاغان مەزگىلىدە نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۇرۇغ تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىنى ئېلىپ ئالاھىتەن جىڭگاڭشەنگە ساياھەتكە كېلىپ، ئىنقىلاۋىي مۇقەددەس جاي ۋە چاغانلىق كېچىلىك سەھنىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتى، چاغاننىڭ ئالدىنقى 4 كۈنىدە جىڭگاڭشەندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 70مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

جىلىن چاڭچۈن بىرىنچى ماشنىسازلىق گۇرۇھى شۆبە مەيدانىدا ئۈنچىدەك قار مۇز، تەرەپ تەرەپكە چاچراۋاتقان پولات ئۇچقۇنلىرى ۋە بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك ئاپتوموبىللار تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ مۇشۇ بىرقانچە كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر مەخسۇس بىرىنچى ماشىنىسازلىق گۇرۇھى قىزىل بايراق مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىكىدە شېنجېن شۆبە مەيدانىنىڭ ئاساسى سەھنىسى ئىنتايىن ئېگىز مەركىزىي سودا رايونىغا تەسىس قىلىندى، ئاجايىپ ئىسىل، ئۇنتۇلغۇسىز 7 مىنۇتلۇق ئويۇن نۇرغۇن تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر يەنە ئالاھىتەن ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنىڭ گۇۋاھچىسى ليەنخۇاشەن تېغىغا چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئۇلۇغ كۆرەش روھىنى ھىس قىلدى. چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئالتىنچى كۈنىگىچە ليەنخۇاشەن باغچىسى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 500مىڭغا يېتىپ، تارىخىي يېڭى رىكورت يارىتىلدى.