باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىزلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2018-يىلى 10-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى يىڭدې شەھىرى ليەنجياڭكۇ بازىرى ليەنجاڭ كەنتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نامرات ئائىلە لۇ يىخېنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، بۈگۈنكى كۈندە 4 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، لۇ يىخې ئائلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق يېڭى ئۆگىرىش بولدى؟ ليەنجاڭ كەنتىدە يەنە قانداق يېڭى ھىكايىلەر يۈز بەردى؟

ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدوڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، يىڭدې شەھىرى ليەنجياڭكۇ بازىرى ليەنجاڭ كەنتى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى نامرات كەنت، باش شۇجى بۇ يەرگە كېلىپ، يېزىدىكىلەرگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى، ئۇ نامرات ئائىلە لۇ يىخېنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى ، قانداق قىيىنچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى سورىدى، باش شۇجى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرەر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بېيىشىمىز، يەنە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، بىز ھازىر دەل مۇشۇنداق يولدا كېتىۋاتىمىز، جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيە، بۇ بىزنىڭ باش مەقسىتىمىز، بىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بۇ خىزمەتنى قىلىپ، خەلق ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىمىز، بىز چوقۇم خەلقنى تېخىمۇ بەختلىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

لۇ يىخې تۇرۇشلۇق ليەنجاڭ كەنتى ليەنجاڭكۇ بازىرىدىكى بىرىدىن بىر ئۆلكە بېكىتكەن نىسبەتەن نامرات كەنت، كەنتتە جەمئي 482 ئائىلە، 2225 نوپۇس بار بولسىمۇ ئەمما 10دىن بىرى نامرات ئائىلە، لۇ يىخېنىڭ ئائىلىسىدە ئالتە جان بار، ئايالى ۋە دادىسى كېسەل، ئۈچ پەرزەنتى ئوقۇيدۇ، ئەمگەك كۈچىدىن پەقەت ئۆزىلا بار، لۇ يىخې تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەممە يەرگە چېپىپ مەدىكارلىق قىلىدۇ، يەنە ئېتىز ئىشلىرىنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، 2016-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىشلاردا چوڭ بۇرۇلۇش بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پەقەت ئوننەچچە مو بامبۇكزارلىقىم بار ئىدى، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن كېيىن ماڭا يەنە خېلى يەر بۆلۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈپ ھۆددە باشقۇرىدىغان 18 مو يەرمۇ بېرىلىدى.

لۇ يىخې ئېيتقان نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى دەل 2016-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى دەۋردىكى نامراتلارنى دەل، توغرا يۆلەش سىياسىتى. كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ نامرات ئائىلىلەرگە تاغدىكى بامبۇكزارلىقنى بۆلۈپ باشقۇرۇشتەك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرىسىتى يارىتىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە شىركەت + ھەمكارلىق كوپراتىپى+ بازا+ دېھقان ئائىلىلىرى ئەندىزىسى ئارقىلىق يەرلىك ئۈچۈن زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ بەردى، تۈردە 50مو يەر پىلانلاندى، لۇ يىخې بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مونى ھۆددىگە ئالدى، بىر يىلدىن بۇيان ئۇ كۆكتات تېرىقچىلىقى بازىسىدىن 30مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەنجاڭ كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن لۇ يىخې تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ، بانكىدىن 50مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، كەنتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بامبۇكزارلىقنى ھۆددىگە ئالدى ئۇنىڭ كۈنلىرى ئاخىرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

2018-يىلى لۇ يىخې ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 100مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، بۇ 2016-يىلىدىن بۇرۇنقى كىرىمىنىڭ توققۇز ھەسىسىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ، كەنتتىكى باشقا نامرات ئائىلىلەرمۇ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تەدرىجىي ھىس قىلدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ گويوڭ باش شۇجى كەلگەندىن كېيىن ليەنجاڭ كەنتىنى سىرتقى ساھەدىكىلەر تەدرىجىي تونۇپ، ئىلگىرى چۆلدەرەپ قالغان كەنتتە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغانلارنىڭ كۆپۈيۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ كەنتىمىزگە بەرگەن باھاسى ئاشماقتا، ھازىر سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن ياشلارنىڭ يېرىمى ئاساسەن قايتىپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە لۇ يىخې كۈندۈزى كەنتتىكى كەسىپ باغچىىسىدا مەدىكارلىق قىلىدۇ، قوشۇمچە يەنە ئۆزى كۆتۈرە ئالغان كەندىر بامبۇكزارلىقىدا ئىشلەيدۇ، چاغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش توك ئىشچىلىرى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇيدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇرغان سۆزلىرىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلايمەن، پۈتۈن كەنتتىكىلەر نامراتلىقىتىن ھەقىقى قۇتۇلغان چاغدا باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پارتىيەگە رەھمەت، پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە رەھمەت، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت، بىز چوقۇم تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە بالدۇر يېتىمىز، باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ.