شاڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خاتىرىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا بەش يىل ئۆزى تۇرۇشلۇق شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلىپ، پىكىر يوللىرىنى رەتلىدى، يۆنىلىنىش كۆرسىتىپ بەردى، روھىنى ئۇرغۇتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شاڭخەيدىكى 24 مىليون كادىر ۋە ئامما ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يەر شارىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي تەتقىقات قېلىنلىقىنى پۇختىلاپ، «كەشتىلەش» روھى بويىچە نازۇك شەھەر مۇھىتىنى ئىنچىكە تۈزەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاۋانگارتى ۋە نەمۇنىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى.

2013-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگودىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى-شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا شاڭخەي ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆلچەم قىلغان شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھاتنىڭ «تەجرىبە ئېتىزى»دا بەش يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 127 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە كۆپەيتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى. شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ تۈرۈتكىسىدە، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەركىن سودا رايونلىرى «1 + 7 + 3 + 1 » ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «ئوتتۇرا يولدا ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ» ، «تېخنىكىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقىمۇ بولمايدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە شاڭخەيگە «جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش» ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى، شاڭخەي شەھىرىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلدى .
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى مۇنبەت تۇپرىقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۈش ئۈچۈن، شاڭخەي يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، «مېغىز»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى مەنبەسى ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. 2018 - يىلى، شاڭخەيدىكى ئالىملار «ئىلىم-پەن»، «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق ژورناللاردا 85 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %32.2 نى ئىگىلەيدۇ.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، ھەم «پۇلنى قەغەزگە ئايلاندۇرۇش»قا، ھەم «قەغەزنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش»قا ماھىر بولۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «يېگانە ئارال ھادىسىسى»نى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ تېز ئايلاندۇرۇش كېرەك، يېڭىلىق يارىتىش- تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، جاڭجياڭ دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇلتۇر ئىش باشلانغان قاتتىق رېنتىگىن نۇرلۇق ئەركىن ئېلېكترون لازېر نۇرى ئۈسكۈنىسى پۈتكەندىن كېيىن، جاڭجياڭ دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان فوتون ئىلمىي چوڭ ئۈسكۈنىلىرى توپلاشقان جايغا ئايلاندى. جۇڭشىن خەلقئارا 14 نانومېتىر قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، خېجى خۇاڭپۇ دورىگەرلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن راكقا قارشى يېڭى دورا فۇربېنىتسىللىن خىنالدىننى بازارغا سېلىش تەستىقلاندى.

جاڭجياڭ بىر كارتىنە خالاس. بارغانسېرى كۆپ ئالىي مەكتەپلەر شاڭخەينىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىئو دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق بىر قاتار ئىلغار پەن-تېخنىكا ئالدىن ساھەسىدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلىدى.

جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش- باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قايتا - قايتا تاپىلىغان خىزمەت. شاڭخەي شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، 48 مىڭ كىشىلىك مەھەللە خىزمەتچىلەر قوشۇنى، 20 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت پونكىتىنى قۇردى. ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرى تېخىمۇ كەسىپلىشىپ، ياشلىشىپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ «قەدىر - قىممەت تۇيغۇسى»، «ئېرىشىش تۇيغۇسى» ۋە «نەتىجە تۇيغۇسى»غا ئىگە بولدى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەندى، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە خىزمىتىمۇ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتتىكى ئەڭ جانلىق ھۈجەيرىگە ئايلاندى.

شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى لۇجيازۇي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈشياڭ مۇنداق دېدى: لۇجيازۇي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدىكى %95 كارخانا «ئىككى يېڭى» تەشكىلات ، 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە ئامما ئارىسىدا %70 يېقىن ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئادەم بار. بۇ ئالاھىدە سۇبيېكتكە يۈزلىنىپ، پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانا ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ھەر تەرەپتىن قوللاشقا يېتەكلىدى.

ئىدىيە- بايراق، ئىدىيە مەنبە. شاڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارزۇغا يەنە ئىنتىلىپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن سەپەرگە ئاتلانماقتا.