مەملىكەت بويىچە چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى ھەرقايسى جايلار قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى ھەرقايسى جايلارنىڭ قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالغانلىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قاتناش ئېقىم مىقدارىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىدا قاتناش ئېقىم مىقدارى مەركەزلىك بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېي، جاڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلەكلىرىدە، قاتناش ئېقىم مىقدارى ئېغىر تويۇنۇش، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، يېنىك قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مۇشۇ ئاينىڭ10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر مەھەل ئاپتوموبىللار ئۆچرەت بولۇپ ئاستا مېڭىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18گىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، راۋان بولدى، قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى %53 تۆۋەنلىدى ، بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋەقەلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە قېتىم ئازايدى، % 38 تۆۋەنلىدى؛ بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمىدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قېتىم ئازايدى.ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، مۇشۇ ئاينىڭ 10-، 11-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرىھال قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى چاغاندا قايتىدىغان شوپۇر دوستلارنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇمان، قار-يامغۇر قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، ماشىنا ئارىلىقىنى كونترول قىلىش، ئاپتوموبىل چىرىغىنى ئېچىش، مەجبۇرىي يانداپ ئۆتمەسلىك، تۇيۇقسىز يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، جىددىي تورمۇز قىلماسلىق، بىخەتەر، ئېھتىيات بىلەن ماشىنا ھەيدەشكە ئەسكەرتتى.