خېجې يازغۇچى سۈن يۈمىننىڭ «يېڭى يىلدىكى يېڭى ئارزۇسى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

چاغان ئاياقلىشىشى بىلەن، 58 ياشلىق خېجې يازغۇچى سۈن يۈمىن يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى «كىچىك نىشانى» ئۈچۈن تىركىشىپ قولىغا قەلەم ئېلىپ خېجېلارنىڭ بېلىق تۇتۇش تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن رومانىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدى. 2018 - يىلى، ئۇ ئىجاد قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو سىنارىيەسى «خېجېلارنىڭ ئىلاھ ئۇسسۇلى» 27 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو بايرىمىدا تەۋسىيە قىلىندى.

پەقەت 5000 دىن كۆپرەك نوپۇسى بولغان خېجېلار ئېلىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خېيلۇڭجياڭ ئۈچ دەريا تۈزلەڭلىكى ۋە ۋەنداشەن تېغى قالدۇق تىزمىسى بويىدا ئولتۇراقلاشقان. خېجېلار ئۆزگىچە بېلىق تۇتۇش تۇرمۇش شەكلىگە ئىگە، شۇنداقلا ئەل ئارىسىدىكى نەزمە- نەسرلىك ناخشا «ئىماس» قاتارلىق مەدەنىيەت شەكلى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى جيېجىنكۇ خېجې يېزىسىنىڭ بېلىقچىلىق كەنتىدىكى ئۆيىدە، سۇن يۈمىن مۇخبىرغا رومانى ھەققىدىكى تەسسەۋۇرى، خېجېلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى سۆزلەپ بەردى.

سۇن يۈمىن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلاندۇق. يىڭى بىر يىلدا، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمنى خەلق ناخشا ـ قوشاقلىرىنى توپلاش ۋە يېزىشقا ئاتا قىلىمەن، خېجېلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، تارىخىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خېجېلارنى چۈشىنىش، خېجېلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.