«يېزىلىق مۇھىت ئاسرىغۇچى» تەن شيەنگۇي
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنخۇي ئۆلكىسى گۇاڭدې ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى لۇخۇ كۆلىنىڭ كۆلىمى 5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ كۆل گۇاڭدې ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، كۆل سۈيىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى ئاجىز. توققۇز يىلدىن بۇيان، لۇخې كۆلى بويىدىكى ئەخلەت تېرىيدىغان بوۋاي تەن شيەنگۇي ئون نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ «چوڭ سۇ باكى»نى خالىس قوغداپ كەلدى. ھەر يىلى چاغاندا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەن شيەنگۇي باشقىچىلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بولدى.

ئەتىگەن سائەت ئالتىدە، ئاسمان تولۇق يورۇماي تۇرۇپلا، تەن شيەنگۇي ئىشىكىنى چىڭ تاقاپ، بىر خالتىنى ئېلىپ، ئۆيىدىن چىقتى. يۇرتداشلار ئۇنى «لاۋتەن» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 2010 - يىلىدىن باشلاپ، لاۋتەن باشقا بىر ئىشى بولمىسىلا، ئاساسەن ھەر كۈنى لۇخۇ كۆلى سۇ ئامبىرىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ئەخلەت تېرىپ كەلدى. دەسلىپىدە، نۇرغۇن يۇرتداشلار لاۋتەن ئەخلەت تېرىپ پۇل تاپماقچى ئىكەندە دەپ ئويلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، يۇرتداشلار لاۋتەننىڭ ساتقىلىمۇ، يىغىۋالغىلىمۇ بولمايدىغان ئەخلەتلەر ۋە مۇھىتنى بۇلغايدىغان كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغقانلىقىنى بايقىدى.

توققۇز يىل بولدى، لاۋتەن ھەتتا لۇخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئورنىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. يۇرتداشلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى قوللاشقا باشلىدى. كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشىك ئالدىدا دۆۋىلىنىپ كېتەتتى، بىز خىجىل بولاتتۇق، ھازىر تەبىئىيلا ئەخلەتلەر تۈرگە ئايرىلىدىغان بولدى، ئاساسىي جەھەتتىن ئەخلەت كۆرگىلى بولمايدۇ.

2013-يىلى 9-ئايدا، تەشيەنگۇي «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەم» بولۇپ باھالاندى، گۇاڭدې ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يەنە ئۇنى لۇخۇ كۆلىنىڭ ئەتراپىدا تازىلىق قىلىشقا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. تەن شيەنگۇي مۇنداق دېدى: ھازىر، ھۆكۈمەتمۇ مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا ، مەن لۇخې كۆلىدىن ئىبارەت بۇ «چوڭ سۇ باكى»نى داۋاملىق قوغدايمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن بارغانسېرى ياخشى ئىشلەيمەن. تېنىم ياخشى بولسىلا، مەڭگۈ مۇشۇنداق قىلىمەن.