چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ بەشىنچى كۈنىگىچە 823 مىليون ئادەم قېتىم ئۈندىداردا قىزىل بولاق يوللىغان ۋە تاپشۇرۇۋالغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، تېڭشۈن شىركىتى 2019-يىللىق چاغاندىكى ئۈندىدار سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ بەشىنچى كۈنىگىچە، ئۈندىداردا يوللانغان ئۇچۇر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64.2 ئاشقان، 823 مىليون ئادەم قېتىم ئۈندىداردا قىزىل بولاق يوللىغان ۋە تاپشۇرۇۋالغان، ئۈندىدار تەنھەرىكىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر 963 مىليون قەدەم يول ماڭغان. قىزىق يېرى، كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئەگىشىپ، چاغان مەزگىلىدە دائىم تۇرۇشلۇق يېرىدىن باشقا جايدا ئۈندىداردا ھەق تۆلىگەن ئىستېمالى بىر مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يەتكەن.