چاغان مەزگىلىدە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلار 300 مىڭغا يېقىنلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدىن ئىگىلىنىشىچە، چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن ئالتىنچى كۈنىگىچە، خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلار تەخمىنەن 299 مىڭ 961 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 100 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيگەن.

چاغاننىڭ ئۈچىنچى كۈنى خاتىرە سارىيى ئېكىسكۇرسىيە يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. خاتىرە سارىيى ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئېكىسكۇرسىيە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەم سانىغا چەك قويۇش ۋە ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئەمما شۇ كۈنى ئېكىسكۇرسىيەچى يەنىلا 67 مىڭ 507ئادەم قېتىمغا يەتتى.

خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: تۇنجى دۆلەتلىك تەزىيە كۈنى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، خاتىرە سارىيىنى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلار سانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇلتۇر چاغاندىكى 196 مىڭ ئادەم قېتىمدىن بۇ يىل يۈز مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيدى.