گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2018 - يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى»، «2018 - يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 17:56

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى «2018-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى»، «2018 - يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش خاتىرىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مۇقەددىمە، پۇقرالىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، پۇل سىياسىيسى كەڭ ئومۇملىشىش، باي - نامراتلىقنىڭ بۆلۈنۈشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىش، ئىرقىي كەمسىتىش تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىش، بالىلارنىڭ خەۋپسىزلىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، جىنسىي كەمسىتىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كۆچمەنلەر تىراگېدىيەسى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالماقتا، بىر تەرەپچىلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، قاتارلىقلارغا بۆلۈندى، تولۇق تېكىستى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا تەخمىنەن 12 مىڭ خەت كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز يەتكۈزۈش خاتىرىسىنىڭ تولۇق تېكىستى 10 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ.