غەيرى ئاھالىلەر ۋە تۇرۇشلۇق جايى يوق ئاھالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك شەخسي تاپاۋەت بېجى سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 11:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنستىرلىقى ۋە باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا غەيرى ئاھالىلەر ۋە تۇرۇشلۇق جايى يوق ئاھالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك شەخسي تاپاۋەت بېجى سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

مالىيە مىنستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «غەيرى ئاھالىلەر ۋە تۇرۇشلۇق جايى يوق ئاھالىلارغا مۇناسىۋەتلىك شەخسي تاپاۋەت بېجى سىياسىتىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە «ئۇقتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۇرۇشلۇق جايى يوق شەخسلەرنىڭ ئىش ھەققى تاپاۋىتى، ئۇنېۋرسال تاپاۋىتىنى ھېسابلاپ باج تاپشۇرۇش قاتارلىقلار كونكىرىت چۈشەندۈرۈلدى.

شەخسي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايى يوق شەخسلەرنىڭ ئىش ھەققىي تاپاۋىتى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشوۋېتىلدى. چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلدى: تۇرۇشلۇق جايى يوق شەخسنىڭ ئىش ھەققى تاپاۋىتى چېگرا ئىچىدە تۆلىنىدىغان چېگرا ئىچى تاپاۋىتى، چېگرا سىرتىدا تۆلىنىدىغان چېگرا ئىچى تاپاۋىتى قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ. تۇرۇشلۇق جايى يوق شەخسنىڭ چېگرا ئىچىدە تۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى دائىرىسى بېكىتىلىدۇ. مەسىلەن، تۇرۇشلۇق جايى يوق شەخسنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تۇرغان ۋاقتى 90كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، چېگرا ئىچىدە تۆلىنىدىغان چېگرا ئىچى تاپاۋىتى باج ھېسابلىنىدىغان ئىش ھەققى تاپاۋىتى كىرىمىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش» مەزمۇنى ئاساسىدا، بۇ قېتىم جۇڭگو چېگرىسىدىكى تۇرۇشلۇق جايى بار شەخسلەرنىڭ «تۇرۇشلۇق جايى» دېگەن سۆزگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلدى. چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باج قانۇنىدا ئېيتىلغان «تۇرالغۇ جاي» ئالاھىدە ئۇقۇم. ئەمەلىي مەنىدىكى تۇرالغۇغا ئوخشىمايدۇ. ئادەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئاھالە ياكى غەيرى ئاھالە ئېكەنلىكىنى بېكىتىدىغان قانۇنىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆلچەم. چېگرا سىرتىدىكى شەخس ئۈگىنىش، خىزمەت، تۇققان يوقلاش، ساياھەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جۇڭگو تەۋەسىدە تۇرۇپ قالسا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سەۋەبلەر تۈگىكەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى بۇ شەخس يەنىلا چېگرا سىرتىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك تۇرۇشلۇق جايى چېگرا ئىچىدە بولمىسا، چېگرا سىرتىدىكى بۇ شەخس چېگرا ئىچىدە ئۆي سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، چېگرا ئىچىدە تۇرالغۇسى بار شەخس دەپ بېكىتىلمەيدۇ.