چېگرا ھالقىغان سودىدا يوللانما يەتكۈزۈشنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 11:15

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق يېقىندا «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يوللانما يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە ۋاقىتلىق پىكىر»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، چېگرا ھالقىغان يوللانما يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئەندىزىسىدە تېزدىن يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا ھالقىغان يوللانما يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈن تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 12 پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.