كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا تىزىملىتىشتا بىرلا قېتىم مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 15:21

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كۆچمەس مۈلۈك ئۇچۇرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنىڭ يېپىق ئايرىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو بانكا، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئورگانلىرى بىلەن بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش بىلەن رەنىلىك قەرز پۇل ئەلنەپ مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى ئۆز ئارا تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ تەڭ قەدەمدە توختام ئىمزالاش، قەرز پۇل تەستىقلاش رەسمىيىتى، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىككى تارماق سىستېمىنى تۇتاشتۇرۇپ، توردا ئۇچۇر تەكشۈرۈش بىلەن رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتېرنېت قوشۇلغان كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىشتىن ئىبارەت ئىش بېجىرىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تەبىئىي بايلىقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش تارماقلىرى بىلەن بانكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ ياكى بانكا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، تۈرلۈك بانكىلاردا رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش كۆزنىكى ياكى بېجىرىش نۇقتىسىدىن 4257 نى ئاچقان.