يۈتۇ 2-نومۇر ئايدا 178.9 مېتىر يول ماڭدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 15:22

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ دۈمبىسىگە يۇمشاق قونۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى، ئارقىدىن، چاڭئې 4-نومۇرلۇق يۇمشاق قونغۇچ بىلەن يۈتۇ 2-نومۇرلۇق كۆزەتكۈچ ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، پىلان بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇردى. چاڭئې 4-نومۇرلۇق يۇمشاق قونغۇچ بىلەن يۈتۇ 2-نومۇرلۇق كۆزەتكۈچ 4-ئايلىق كۈندۈزلۈك خىزمەتنى تاماملىغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن تارتىپ، پىلان بويىچە نورمال ئۇخلاش ھالىتىگە كىردى، ئايرىم-ئايرىم 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت يەتتە ۋە 4-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم ئويغىنىپ، 5-ئايلىق كۈندۈزلۈك خىزمەتنى باشلىشى مۇمكىن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايلىق كۈندۈزلۈك خىزمەت مەزگىلىدە، يۈتۇ 2-نومۇرلۇق كۆزەتكۈچ جەمئىي 178.9 مېتىر يول مېڭىپ، يۈتۇ 1-نومۇرنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئاي شارىنىڭ يۈزىدە ماڭغان 114.8 مېتىرلىق رېكورتىدىن ھالقىپ كەتكەن. تەتقىقات قوشۇنى داۋاملىق ئەستايىدىل مەشغۇلات قىلىپ، يېقىندىن كۆزىتىپ تىزگىنلەپ، بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، يۈتۇ 2-نومۇرلۇق كۆزەتكۈچنىڭ تېخىمۇ يىراققا بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.