«شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقىرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:32

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنستىرلىقى يېقىندا «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق ئائىلىلەرگە شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىن شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەرەپ تاختىسى ئېسىشنىڭ مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئېسىش مۇراسىمىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، ھەم ئاددى، ھەيۋەتلىك ھەم قىزغىن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوبيىكىتلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ئېسىش ياكى قويۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، ئېسىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېسىش، ئوبيېكتىنىڭ ئۆزى شەرەپ تاختىسى ئېلىپ ئېسىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى قەتئىي توسۇپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەر بىر ئوبيېكتنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتى سىياسىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك خىزمەت بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىقلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىكلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەر بىر ئوبيېكتنىڭ ئائىلىسىگىچە ھەقىقىي يەتكۈزۈشى كېرەك. بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر چوقۇم مېھىرى-مۇھەببەت، ئىللىقلىق بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شەرەپ تاختىسى ئېسىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھەر بىر كونكرېت خىزمەت ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ كۆپتۈرگەنلەرنى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا ماسلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارنى بىرنى بايقىسا بىرنى ئېلان قىلىشى كېرەك.