دۆلىتىمىز داۋالاش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:33

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا « داۋالاش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ ‹پىكىر ئېلىش نۇسقىسى› ئېلان قىلىپ، داۋالاش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت: داۋالاش كاپالىتى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، فوندىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش كاپالىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكىتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش.

پىكىر ئېلىش نۇسقىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: داۋالاش كاپالىتى مەمۇرى تارماقلىرى داۋالاش كاپالىتىنى نازارەت قىلىدىغان قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتلىرى، بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دوكانلىرى، كېلىشىملىك باشقۇرۇلىدىغان ۋراچلار، پراۋىزورلار، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ۋە داۋالاش قۇتقۇزۇش ئوبيىكىتلىرىنىڭ داۋالاش كاپالىتى قانۇن بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

پىكىر ئېلىش نۇسىقىسىغا ئاساسەن، داۋالاش كاپالىتى مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىش، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە قانۇنغا خىلاپ سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى بەش ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمان قويۇش، بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنى توختۇتۇشقا ياكى پراۋىزورنىڭ مۇلازىمەت قىلىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇش، بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنى توختۇتۇشقا ياكى داۋالاش كاپالىتى مۇلازىمىتى كېلىشىمىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيىكتى ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈش، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جازا بېرىش ھوقۇقى بار.

مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارغا قارىتا تىجارەتنى توختۇتۇپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، تىجارەت ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق مەمۇرى جازا بېرىش ھوقۇقى بار. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرى جازا بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىدۇ.