ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە سۇ يولى يۈك تىرانسىپورت مىقدارى 7 مىليارد توننىغا يېقىنلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:34

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قاتناش تىرانسىپورت كەسپى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئېشىپ، ئىچكى جەھەتتە راۋان بولۇش سىرت بىلەن باغلىنىشتەك تىرانسىپورت تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز سۇ تىرانسىپورتى سېستىمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ تىرانسىپورتىنىڭ كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا تىرانسىپورتىدىكى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇردى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە سۇ يولىدا تاماملانغان يۈك تىرانسىپورت مىقدارى 6 مىليارد 991 مىليون توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان.