شىبەيپو: تىرىشىپ بەخت يارىتىپ، يېڭى سەھىپىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:34

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى شىبەيپو ئۇزۇن مەزگىل نامرات ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇ يەردە بىر مەھەل يەر ئۈنۈمسىز، تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولدى. 70 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىلگىرىكى يېپىق ھالەتتە تۇرغان كىچىك تاغلىق كەنت باتۇرلۇق بىلەن يېڭىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى يولنى تېپىپ چىقتى.

شىبەيپو مەنزىرە رايونىغا 1 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا تەرتىپلىك يېڭى ئاھالىلار ئولتۇراق نۇقتىسى لياڭجياگۇ يېڭى كەنتى بار. 35 ياشلىق چى نانا كەنتتىكى 1-تۈركۈمدە ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان كەنت ئاھالىسى. بايرام يېتىپ كەلسىلا چى نانا شىبەيپوغا ئېكىسكۇرسىيەگە كەلگەن نەچچە ئون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. لياڭجياگۇغا بارسىڭىز «يېڭى» لىقنى ئەڭ كۈچلۈك ھىس قىلالايسىز. بۈگۈنكى لياڭجياگۇ پۈتۈنلەي قايتىدىن قۇرۇلغان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا، سۇ ئامبىرى قۇرۇش ئىھتىياجى بىلەن، لياڭجياگۇ كەنتى بۇ يەرگە كۆچۈرۈلگەن، كىشى بېشىغا 3 ئۈلۈش قۇرغاق يەرتوغرا كېلەتتى. كەنتنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاش بۇياقتا تۇرسۇن، كىيىنىش، تۇيۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ تەس ئىدى، كېيىن، كەنتنىڭ يېنىدا شىبەيپو مەنزىرە رايونى قۇرۇلدى، ئەمما لياڭجياگۇ كەنتىنىڭ مۇھىتى ناچار بولغاچقا، ساياھەتچىلەر ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. 2009-يىلى لياڭجياگۇ كەنتى «كونا كەنتنى چېقىپ، يېڭى تۇرالغۇ سېلىش»نى قارار قىلدى، كەسىپىي ئاپاراتنى پىلان تۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، يېڭى كەنت قۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، لياڭجياگۇ كەنتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە كەسپى تەرەققىياتى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. 2014-يىلى يېپ-يېڭى لياڭجياگۇ كەنتى بەيپۇ تېغى ئېتىكىدە بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىلىرىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىشقا يېتەكلىدى. ئەمما، ساياھەتچىلەرنى ئۆيلىرىگە باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار، ياتاق شارائىتى، يېمەك-ئىچمەك سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە، ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. 2016-يىلى لياڭجياگۇ پارتىيە ياچېيكىسى ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇلار بىر دېھقان ئائىلىسى ساياھەت كەسىپى كوپىراتىپى قۇردى، بۇ پىڭشەن ناھىيەسى بويىچە تۇنجى كوپىراتىپ ئىدى، لياڭجياگۇ كەنتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 نەچچە قېتىم كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، باشقىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، چى نانا قاتارلىق ئۈچ ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى باشلامچى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتتى، ھەر بىر ئائىلە كەنتنىڭ 30 مىڭ يۇەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكىلاتىدا يېزا،كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. 2018-يىلى لياڭجياگۇ كونا كەنتنى چېقىشتىن چىققان يەرلەرنى پايغا قوشۇپ، بىر شىركەت كىرگۈزۈپ شىبەيپو قىزىل ساياھەت بازىرىنى قۇردى، ھەر يىلى كەنتنىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىمى 2 مىليون يۇەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە دارامەت تەقسىملەندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى تەخمىنەن %70 كىشى ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندماقتا. چى نانانىڭ يولدىشى مەنزىرە رايونىدا سەيلە ئاپتوموبىلى ھەيدەيدۇ.

يېزا، كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسپنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم نۇقتا. لياڭجياگ كەنتى بىلەن خوشنا بولغان بېيجۇاڭ كەنتى بۇ يىل قىزىل تارىخقا تايىنىپ، ساياھەت كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاشتى.

شىبەيپودىن لياڭجياگۇغىچە ئۇنىڭدىن بېيجۇاڭغىچە، بىر تۈركۈم كىچىك تاغلىق كەنتلەر قىزىل ساياھەت، يېزا كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، كەينى-كەينىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۆتكەن يىلى پىڭشەن ناھىيىسىنىڭ ساياھەت كىرىمى 12 مىليارد 900 مىليون يۇەنگە، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8982 يۇەنگە يەتتى، پۈتۈن ناھىيە 32 يىللىق نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.