ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈن رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى 2900 دىن ئارتۇق مۇخبىر بۇ قېتىمقى يىغىننى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇردى.

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى بۈگۈن ئېچىلىدۇ، مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى يېڭى تېخنىكىنى يېتەكچى، يۇغۇرۇلما يېڭىلىق يارىتىپ تارقىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، يەر شارىدىكى ئاڭلارمەن، كۆرۈرمەنلەرگە بىر مەيدان ئېسىل مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىدۇ.