مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»نى مەخسۇس كېڭەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن بېيجىڭدا «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدىكى كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قىلىپ، مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش يىغىنىدىن ئىبارەت سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم شەكلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۈزگە يېقىن ئاكادېمىكنىڭ بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقى-ئالىملارنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئورگىنىدىكى مۇھىم رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش يىغىنىغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 257 ئەزاسى قاتناشتى، 79 ئاكادېمىك، ئەزا يىغىندا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى ۋە گۇرۇپپىلار بويىچە پىكىر بايان قىلدى، يەنە يۈزدىن ئارتۇق ئەزا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يوڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش-يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەش، كارخانىنى سۇبيېكىت قىلىش، ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوچۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئۇللۇق تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان ئاساسىي تەتقىقاتنى چىڭىتىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

جاڭ چىڭلى چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋەن گاڭ يىغىندا سۆز قىلدى.