شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىمە بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا زۇڭلى لى شيەنلۇڭ جۇڭگوغا كېلىپ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى، بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ خانىم يەنە ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئۆز ئارا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىپ، مەنپەئەتىنى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇردى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش ئەنئەنىسى بار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش-سىغدۇرۇشچان بولۇش، دوستلىشىش جەريانى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى جۇڭگو-سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى» ۋە 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، بالدۇرراق نەتىجە ھاسىل قىلىشى؛ يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللاپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىققا دىققەتنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاسىيانىڭ گۈزەل يۇرت-ماكانىنى بىرلىكتە قۇرۇشى لازىم. كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىزنىڭ دوستلار چەمبىرىمىز بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.

خالىمە مۇنداق دېدى: مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دۇنيا خەلقىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پايدىلىق. سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى-دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. سىنگاپور باشتىلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللىغان، سىنگاپور جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ، بۇ-ھەر قايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.