شى جىنپىڭ گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپلوس بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپلوس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمەن. گرېتسىيە ياۋروپادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، سىزنىڭ زىيارەتكە كېلىشىڭىز ئاسىيا-ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرىدىغان مىللەت. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋاملىشىپ ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئەزەلدىن باشقىلارنىمۇ چەتكە قاقمىدى، بەلكى سېغدۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تەرەققىي قىلدى. قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى، قەدىمكى رىم مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى مەدەنىيىتى ۋە بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا كىرىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تەڭ مەۋجۈت بولۇپ يەرلىكلەشتى، ئەزەلدىن مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دىنلار ئۇرۇشى يۈز بېرىپ باقمىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇز قىلىش ئەنئەنىسى يوق. بۇنىڭدىن 600 نەچچە يىللار ئىلگىرى جېڭ خې غەربى ئوكيان سەپىرىدە ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يىپەك، چاي ۋە فارفۇر بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان، يول بويى ئالقانچىلىك يەرنىمۇ ئىگىلىۋالمىغان.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن دۆلەت-ئائىلە مۇھاببىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۆلەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، دۆلەت بولمىسا، ئائىلە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، قۇدرەت تېپىشى بولمىسا ئائىلىنىڭ شادلىقى ۋە شەخسنىڭ بەختىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئېتىقادى يۈكسەك بىردەك، ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك. جۇڭگو بۈگۈنكى كۈندە بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى 5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ شۇنداقلا بۇ جۇڭگو خەلقى باشتىن كەچۈرگەن جاپا-مۇشەققەت ۋە كۈرەش ئارقىلىق تېپىپ چىقىلغان يول، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھازىرقى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكى، خەلقنىڭ تاللىشى. كىشىلىك ھاياتتىكى توغرا يول مىسلىسىز ئۆزگىرىشكە تولغان. مەيلى قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر بولسۇن، بىز بۇ يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگو تەرەققىي قىلسا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشاۋاتىدۇ، بىرسى شەرەپكە ئېرىشسە ھەممىسى شەرەپكە ئېرىشىپ، بىرسى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى زىيانغا ئۇچراپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولماقتا. مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىم ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، تەبئىي يېقىنلاردىن. گرېتسىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، جۇڭگو گرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرىدۇ.

پاۋلوپلوس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم، گرېتسىيە تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ، بىز ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز. نۆۋەتتە، خەلقئارادا بەزى كىشىلەر ئاتالمىش «مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى نەزەرىيىسى»نى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش، قارشىلىشىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا پەرق بولسىمۇ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر-بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك، بۇ دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولۇشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولى. بۇ جەھەتتە گرېتسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىدىيەسى ئوخشاش.

گرېتسىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك قارىشى،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى يۈكسەك قۇۋەتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، خەلقئارادا ۋەدىسگە ئەمەل قىلىش قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەقىلـپاراسىتى ۋە جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. گرېتسىيە خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىدىن قايىل. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىليونلىغان نوپۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ ئىنتايىن قالتىس ئىش. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت ياراتتى. گرېتسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەمدە ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا پاۋلوپلوسنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى.