يېزا ئىگىلىكى بىلەن سودا ئالاقىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مالىيە مىنستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنستىرلىقى، سودا مىنستىرلىقى يېقىندا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: سىياسەت بىلەن يېتەكلەش، بازارغا قاتنىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى تاۋارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئوبوروت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، مەھسۇلات، ئەسلىھە، ئۆلچەم، سانلىق مەلۇمات، بازارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، پايدا زىچ بىرلەشكەن، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش زىچ باغلانغان، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سودا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مەركەز مالىيەسى قوللاشنى بېكىتكەن ھەر بىر ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)نى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللىماقچى. مەبلەغ ئىككى يىلغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 2019-يىلى ھەر بىر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)نى قوللاشقا 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، 2020-يىلى خىزمەت ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە قالغان مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ، بۇ مەركەز مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ. جايلارنىڭ مەركەز مالىيىسىنىڭ مەبلىغى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى تاۋارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىنى قوللاش نىسبىتى %70تىن تۆۋەن بولمايدۇ.