لى جەنشۇ گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلۇپۇلۇس بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ ئۈلۈشكۈن خەلق سارىيىدا گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلۇپۇلۇس بىلەن كۆرۈشتى .

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە ئۇزاق مەدەنىيلىك ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ياخشى دوست، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياخشى شېرىكلەردىن بولۇپ كەلمەكتە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلماقتا. جۇڭگو گرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گىرىتسىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە بېرىش-كېلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گىرىتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

پاۋلوۇپۇلۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرىتسىيە جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل. گرېتسىيە جۇڭگو بىلەن مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، گرېتسىيە بىلەن جۇڭگو ۋە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.