شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۈنۈگۈن كەچتە خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ھەم ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى .

باش يازدىكى بېيجىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. كەچتە خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن شادىيانە كۈتىۋېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئاسىيانىڭ ھەمكارلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت خۇددىي سۇغا ئوخشاش ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشى مەدەنىيەتتىن ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى، ئۇزاق تارىخىي تىندۇرما ئىچىدە، ئاسىيانىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن مەدەنىيەت خاتىرىسى ۋە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مەدەنىيەت شەجەرىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كەڭ قورساق بولۇش داۋامىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدى، ئاسىيا مەدەنىيەت گۈللىرى دۇنيا سەھنىسىدە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا كەڭ قورساق بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەتە ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىمىز. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا تېخىمۇ چاقنىتايلى.

زىياپەت خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. مېھمان بىلەن ساھىبخان سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مەدەنىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.