شى جىنپىڭ قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، قىرغىزىستاننىڭ « سۆز گېزىتى »، « قەبەر » دۆلەت ئاگېنتلىقىدا « جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك – باراقسان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان خەلقى قوشنا، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان،جۇڭگو- قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، بوران-چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا، ياخشى دوست،ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان،ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ئۇزاق ئۆتمەي،ئىككى تەرەپ تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلدى، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئورتاق چېگراسى ئىككى دۆلەت خەلقىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە بولۇپ قالدى.

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. قىرغىزىستان « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ جانلاندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز قىرغىزىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، پارتىيە، يەرلىكنىڭ ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىك، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، بوران-چاپقۇنلۇق خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك خەۋىپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى خالايمىز.

بىز قىرغىزىستان بىلەن«بىر بەلباغ،بىريول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2- نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول » خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

بىز قىرغىزىستان بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، « ئۈچ خىل كۈچ »، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، رايون ئىناقلىقى، مۇقىملىقى خەۋىپسىزلىك مۇھىتىنى يارىتىشنى خالايمىز.

بىز قىرغىزىستان بىلەن ئادىمىيات ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز. دوستلار ئېزدەشكەنسىرى يېقىنلىشىدۇ ، قوشنىلار بىرىش كىلىش قىلغانسىرى تۇقاندەك بولۇپ كىتىدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ياشلار، تاراتقۇ، بىرلىشىپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشمىز، مېھىر - مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

بىز قىرغىزىستان بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللاپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، « ئۈچ خىل كۈچ » كە قاتتىق زەربە بېرىپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇشنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ھەمكارلىق تەشەببۇسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆزەتكۈچى دۆلەت، سۆھبەت شېرىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.