رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىك تەرەققىيادى چوڭقۇر قالتمالىق ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىن كەلگەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك داشۆسى دۆلەت سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋلادىمىر ياكۇنىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىن كەلگەن.

ياكۇنىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇش دەل بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ مىسالى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ساھە ئېچىپ بەردى، شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە باشقا نۇرغۇن تۈرلۈك ھەمكارلىقلار « بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇش تۈرى بولۇپ قالىدۇ.