مالىيە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق يەرلىكتىكى ھوكۆمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20







جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ جىنلىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: مالىيە مىنىستىرلىقى يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، سېلىنما مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، فۇ جىنلىڭ مۇنداق دېدى: « پۇل خەجلىگەندە چوقۇم ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمسىز بولغاندا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش» ئىدىيەسى بويىچە، دۆلىتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى ھەمدە مەبلەغ تەقسىماتى بىلەن نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىنى باغلاش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، دوختۇرخانىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2018 -يىلىغىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا سالغان بىۋاسىتە سېلىنمىسى 129 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئېشىپ،270 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15.8 ئاشقان. ھۆكۈمەت يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىغا ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋاسىتىلىق قوللىدى. 2018-يىلى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن قىلغان كىرىمى 1تىرىليون 233 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش كىرىمىنىڭ %51.5ىنى ئىگىلىدى. يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك كىرىم ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ، دوختۇرخانىنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلدى.