ئالتە تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يەرلىكنىڭ مەخسۇس زايۇمى ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى چۈشەندۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇقتۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى، قىزىق نۇقتا، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى ــ ئىلگىرىكى مەخسۇس زايومنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، مەخسۇس زايوم تۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئايدىڭلاشتۇرۇش.

ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇشتا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش مەخسۇس زايوم تۈرى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە زور تۈرلىرىگە دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۈرۈشلۈك تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشقا پائال يېتەكلەپ، مەخسۇس زايومنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىم تۈر كاپىتالى قىلىپ، مەخسۇس زايوم تۈرى ۋە بازارلاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىنىڭ قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرىدىغان دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋەتكەنلىك.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇقتۇرۇشتا مەخسۇس زايومنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان زور ئاممىۋىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تۈر كاپىتالى قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: بۇ تۈر ئاساسلىقى دۆلەت نۇقتىلىق قوللايدىغان تۆمۈر يول، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەرلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، توك ، گاز بىلەن تەمىنلەش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.