دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى پومپيۇنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو يېقىندا يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقانغا باراۋەر، خۇاۋېينىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتسەكلا، شەخسىي سىر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ دېدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پومپېئو ئەپەندى نەگىلا بارسا جۇڭگونى تىلغا ئالماي قالمىدى، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ سۆزلىرى يالغانچىلىق ۋە سەپسەتەگە تولغان. ئۇ دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان خۇاۋېي شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا ئىزچىل خۇاۋېي قاتارلىق جۇڭگو كارخانىلىرىدا «بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى بار» دەپ جار سالدى، لېكىن باشتىن-ئاخىر كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىسپات تاپالمىدى.

گېڭ شۇاڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يوقىلاڭ بەتنام بىلەن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، خۇاۋېيغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ بىر پۇقراۋى كارخانىسىغا زەربە بېرىپ، ئەخلاقسىزلىق، ناچارلىق قىلىپ، بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويدى.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بارغانسېرى كۆپ زاتلار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ G 5 قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرمۇستەقىل، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاللاشنى چىقاردى. پومپېئو ئەپەندى مۇنداق بىر ئاددىي قائىدىنى بىلىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن دۇنيادا پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ــ ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى، ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.