«جۇڭگو ئىقتىسادى بوران چاپقۇنلاردىمۇ پۇختا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئۆتكۈر ئوبزور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكۈر ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرستىلدى: دۇنيادا سودا سۈركىلىشى ئەۋجىگە چىققان، خەلقئارا ئىمپورت-ئېكسپورت ئاستىلىغان چوڭ مۇھىتتا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى يەنىلا مۇقىم ئاشتى، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىستېمال داۋاملىق ئاشتى، بۇ جۇڭگو ئىقتىساددىن ئىبارەت بۇ دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئايلىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، مەيلى تاشقى جەھەتتە قانچىلىك بوران-چاپقۇننىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ پەقەت بىر تامچە سۇ ئىكەنلىكى، ئاخىرىدا دېڭىز تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.

گەرچە ئامېرىكا قوزغىغان سودا سۈركىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دېڭىزدا دولقۇن قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئىپادىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم ئاساسىي يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى شارائىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا، قانچىلىك بوران - چاپقۇننىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ قوزغىغىنى پەقەت كىچىك دولقۇن خالاس. جۇڭگو يەنىلا ئۆزىنىڭ رېتىمى بويىچە ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىدۇ. بوران-چاپقۇندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تولىدۇ.