بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئېلىمىز تاشقى سودىسىدا ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تاموژنا باش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشقان. ئېلىمىز تاشقى سودىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.1ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 6 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.1ئاشتى، ئىمپورت 5 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.8ئاشتى ؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 893 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، % 45 ئاشتى. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى كۈيۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە خەلقئارا سودىنىڭ ئاستىلىشى ئالدىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيادنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولۇشتەك ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى تېز گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، سودا مۇھىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

5-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 590 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، % 2.9ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 1 تىرىليون 430 مىليارد يۈەنگە يېتىپ % 7 . 7 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 1تىرىليون 160 مىليارد يۈەن بولۇپ، % 2.5 ئازايدى؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 279 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىپ %89.8 كېڭەيدى. تاموژنا باش مەھكىمىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بەش ئايدا، ئادەتتىكى سودا تېز سۈرئەتتە ئاشتى ھەمدە سالمىقى ئۆستى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق بازارلاردا ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى ، ئىگىلىگەن نىسبىتى تېز ئاشتى؛ ماشىنا- ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى ئاشتى؛ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت مىقدارى كۆپەيدى، دادۇرنىڭ ئىمپورتى ئازايدى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت باھاسى بىردە ئۆسۈپ بىردە تۆۋەنلىدى.