جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى«يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا«يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك پىشاڭسىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس زايوم باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس زايوم كۆلىمىنى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھەمكارلىشىپ ماسلاشتۇرۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، كۆزلىمىىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.