خەلق گېزىتىدە «ئەخلاق-ھەققانىيەت ئېگىزلىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىققا يول قويمايدۇ» ماۋزۇسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 17:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق گېزىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا «ئەخلاق-ھەققانىيەت ئېگىزلىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىققا يول قويمايدۇ - ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «كۆڭلىگە ياقسا ئىشلىتىپ، كۆڭلىگە ياقمىسا تاشلايدىغان» ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرەيلى» ماۋزۇسى ئاگاھلاندۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى بۇرمىلىشى ۋە مەنسىتمەسلىكى ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان پراگماتىزملىق ئىش قىلىش ئۇسلۇبىنى ئاشكارىلاندى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئالاقىنىڭ قىلچە قىممىتى، قائىدىسى يوق، خۇددى قىپيالىڭاچ مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشتىن باشقا، كۈچ ئېلىشىشلا باردەك. «ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت» ئۇلارنىڭ سۆز ھوقۇقىنى تالىشىش، جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش، ئاخىرىدا شەخسىي نەپ ئېلىشتىكى قورالى خالاس.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەقىقىي خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت خەلقئارا سۆز ھوقۇقىنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە بولغان ئورتاق تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بەزى قىممەت ئىدىيەسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر دۆلەت پەقەت دۇرۇس بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ مۇنداق بىر ئەڭ ئاساسىي قائىدىنى چۈشىنىشىنى دەۋەت قىلىمىز، يەنى ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئېگىزلىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىققا يول قويمايدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىسا، ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقى ئالدىدا جاۋابكار بولغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغىمۇ مەسئۇل بولغىلى بولمايدۇ.