«ئۈچ چوڭ ئامىل دۇنيانىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا تېخىمۇ بېقىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى» ماۋزۇلۇق ئوبزور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-09 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ماكېنسى يەر شارى تەتقىقات يۇرتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، دۇنيانىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا تايىنىش دەرىجىسى كۆرسەتكۈچى 0.4 تىن تەدرىجىي كۆپىيىپ 1.2 گە يەتتى . بۇ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىش جەريانىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بىرىنچىدىن، جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى بار، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشى روشەن، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كەلدى. بىر تەرەپتىن، جۇڭگو نۇرغۇن تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو چوڭ بازىرى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو دۇنيادىكى بارلىق سانائەت تۈرىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەت، تەمىنلەش زەنجىرى ئەۋزەللىكى روشەن. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

نۆۋەتتە، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىلىك داۋاملىق يامراپ، يەر شارى كەسىپ ئەندىزىسى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى زەربىگە ئۇچراپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى «مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كەلگۈسىدە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىنى چىڭىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ .