6-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %2.7 ئۆرلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، 6-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئۆرلىگەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئۆرلىگەن.

6-ئايدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنى شەكىللەندۈرگەن سەككىز چوڭ تۈرىدىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا يەتتىسى ئۆرلىگەن، بىرى تۆۋەنلىگەن. شۇ ئايدا يېمەكلىك، تاماكا، ھاراقنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئۆرلەپ، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ تەخمىنەن 1.79 پوئىنت ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مېۋە باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7، گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى %14.4، تۇخۇم باھاسى %6.1، كۆكتات باھاسى %4.2 ئۆرلىگەن.

شۈ كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتىن يەنە ئايان بولۇشىچە، 6-ئايدا مەملىكەت بويىچە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئۆرلىگەن.