يەرلىكلەر ئىقتىسادنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئەھۋالىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يىلنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، نۇرغۇن جايلار ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنلىرىنى مەركەزلىك ئېچىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كېيىنكى قەدەمدىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. جايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش نۇرغۇن يەرلىكنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشىغا ئايلانغان. يەرلىك نۇسخىدىكى مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى سىياسەتلىرى تېز چىقىرىلىشى مۇمكىن.

يېقىندا، خەينەن ئۆلكىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ساياھەت ئىستېمالى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باجنى كېمەيتىپ ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنى دەل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىن ئېچىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ،«بىر بەلباغ بىر يول» رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش ئېچىۋېتىش قەد كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقىرىقى ئۈچ جايدىن باشقا، جىلىن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرمۇ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت خىزمىتى يىغىنلىرىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىل ياكى ئالدىنقى بەش ئايلىق ئىقتىسادى ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.

جايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قارىغاندا، چوڭ تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش نۇرغۇن جايلارنىڭ ئىقتىسادى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلانغان. نۇرغۇن جايلار دىققەتنى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ نۇقتىلىق كەسپىگە، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەييارلاشقا قاراتقان، يەنە نۇرغۇن جايلار سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئەل ئىچى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورۇنلاشتۇرۇش چىقارغان.

مەبلەغ سېلىشتىن باشقا، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشمۇ نۇرغۇن جايلارنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان. سىچۈەن، سەنشى، خېنەن قاتارلىق جايلار يېقىندا ئىستېمال تۈزۈلمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە يەنە تېخىمۇ كۆپ جايلار يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادنى تەھلىل قىلىش يىغىنىنى ئاچىدۇ. نۆۋەتتە، جايلارنىڭ يېقىندىكى يىغىن ئېچىش ياكى ھۆججەت تارقىتىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن قارىغاندا، ئاساسى تومۇرى ئېنىق بولغان: كېيىنكى يېرىم يىلدا مۇقىم ئېشىش يەنىلا نۇرغۇن جايلارنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى بولىدۇ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئىچكى ئېھتىياج تىرەك بولىدۇ.