جۇڭگو بىلەن ئافرىقا «تەرەققىيات داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش»ئىدىيەسىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋىتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمەكلىرى بىلەن بىرلىكتە «تەرەققىيات بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تۆھپە قوشماقتا»باش تېمىسىدا يىغىن ئېچىپ، «تەرەققىيات داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش»ئىدىيەسىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى.

يىغىن قاتناشچىلىرى جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىرلىكتە ئاچقان بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۇقىرى باھا بېرىپ، تەرەققىيات نامراتلىقنى تۈگىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق دەپ تەكىتلىدى.

50 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.