بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى: شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش يېتىشتۈرۈش مەركىزى «مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بېلارۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى پىسالېۋىچ يېقىندا مۇنداق دېدى: بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئۇ يەردىكى زامانىۋى ئەسلىھەلەر ۋە كەسىپكە پىششىق ئوقۇتقۇچىلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە قەستەن قارا چاپلاش ئۇسۇلىغا رەددىيە بېرىپ، «بىر مەكتەپ كۆپەيسە، بىر تۈرمە ئازىيىدۇ»دەپ تەكىتلىدى.

پىسالېۋىچ جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ يىل 2-ئايدا باشقا يەتتە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەر، خوتەندىكى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش يېتىشتۈرۈش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان. پىسالېۋىچ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلار پاكىتقا قارىماي، تەربىيەلەش مەركىزىنى «لاگېر» دەپ ئاتىدى، بۇنداق ئېچىنىشلىق سۆزلەر بىلەن شىنجاڭنى تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتتە سىياسىي مەقسەتتە قارا چاپلىغانلىق.

پىسالېۋىچ مۇنداق دېدى: بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرى مەندە تىپىك داشۆ ياكى شۆيۈەنگە ئوخشاش تەسىر قالدۇردى.