ۋاڭ چىشەن مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى ۋان ئەزسا بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا، جۇڭگو بىلەن مالايشىيانىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئەلرايى ئاساسى چوڭقۇر. نۆۋەتتە، جۇڭگو «ئىككى 100 يىللىق»كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا، مالايشىيامۇ «2030-يىللىق ئۇلۇغۋار ئارزۇ»نى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئورۇنلىماقتا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-مالايشىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بېكىتىپ، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت رىشتىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگو ـ مالايشىيا دوستلۇق ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

ۋان ئەزسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايشىيا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مالايشىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، مالايشىيا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.