ۋاڭ ياڭ «ئەزالار دەرسخانىسى»پائالىيىتىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا «ئەزالار دەرسخانىسى»پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەزالار دەرسخانىسى» 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشى، ئىتتىپاقلىشىشى، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىجابىي سادا چىقىرىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى ۋە يەتكۈزۈشى ئۈچۈن يېڭى مېخانىزملاشقان سۇپا ھازىرلاپ بەردى، بۇنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئەزالار دەرسخانىسى»نى تىرىشىپ ئىدىيە-سىياسىينى كۈچەيتىشنىڭ باشلامچىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قوش يۆنىلىش بويىچە كۈچ چىقىرىشنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، «ئەزالار دەرسخانىسى»سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 16 سان دەرس تەييارلاپ ھەم 6 سان پىروگرامما كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭى ماركا، شۇڭا ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېما تاللاش، پىلانلاشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت يۈكسەكلىكىگە، ئىجتىمائىي قىزغىنلىق ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقىغا ئىگە قىلىپ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچ كۈنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئەزالارنىڭ باش رول ئوينىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى شەرھلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئىجابىي يېتەكچىلىك قىلىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارقىتىش يوللىرىنى بېيىتىپ، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك .

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يىلقى «ئەزالار دەرسخانىسى»خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى، بىرلىك سەپ تارىخى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي پائالىيەتكە قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ما جىۋېي «ئەزالار دەرسخانىسى» دا «تۆت ئەۋلاد سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دۆلەت ئەھۋالىغا ۋارىسلىق قىلىش»توغرىسىدا دوكلات بەردى ھەمدە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.