مەڭگۈ يايلاقتىكى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرى» دىن بولىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

7-ئايدىكى سۇنىت يايلىقى ئوتتەك قىزىپ كەتتى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۇلانمۇچىر دۇنياغا كەلگەن جاي- ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىرىنغۇل ئايمىقى سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدا ئۇلانمۇچىر يەنە يېزىغا بېرىپ ئويۇن قويدى. بۇ، بۇ يىلقى 68-مەيدان ئويۇن بولۇپ، بۇ قېتىم ئون نەچچە يېزىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېڭكىجىرىگالا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بىزگە جاۋاپ خەت يازغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك غەيرەتكە تولدى. ئۆتكەن يىلى بىز 187 مەيدان ئويۇن قويدۇق، 103 مەيدان يېزىدا قويدۇق. ئىلگىرىكى يىللىرى ھاۋا-رايى ياخشى بولسا يېزىلارغا چۈشەتتۇق، ھازىر چارۋىچىلارغا ئىھتىياجلىق بولسىلا چامىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بولدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاپ خېتىدە مۇنداق دېدى: ئۇلانمۇچىرنىڭ مەڭگۈ گۈللىنىشى خەلقنىڭ سەنئەتكە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، سەنئەتنىڭمۇ خەلققە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېڭى دەۋردە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلانمۇچىرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىنى كۈچەپ نۇرلاندۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چارۋىچى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان، تارقاتقىلى بولىدىغان، ساقلاپ قالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازلىرىدىن» بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۇنىت ئوڭ خوشۇنى ئۇلانمۇچىرى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى«قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازى» بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ئۇلانمۇچىر دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى.

60 ياشقا كىرگەن گاڭ باۋلىداۋ سۇنىت يايلىقىدىكى داڭقى چىققان ناخشىچى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئويلىمىغان يەردىن باش شۇجى بىزگە جاۋاپ خەت يېزىپتۇ. باش شۇجىنىڭ جاۋاپ خېتىنى كۆرگەن كۈنى كەچتە، بىز سۇنىت يايلىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خۇشاللىقىمىزدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن دېھقانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەزىم «خاۋلەيباۋ» نى ئىجاد قىلدۇق.

بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن كونا ئەترەت ئەزاسى ئۇلىجىتۇ مۇنداق دېدى:باش شۇجى جاۋاپ خەت يازغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. بىر مەيدان كېچىلىككە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، 20 كۈندىلا بىر كېچىلىكنى تەييارلاپ چىقىدىغان بولدۇق. بىزنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئادەملىرىمىزمۇ ھازىر ياشلارغا ئوخشاش غەيرەتكە تولدى، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئىجاد قىلىنغان «قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان ياخشى پۇقرا» ناملىق خاۋلەيباۋنى ھازىرغىچە 100 نەچچە مەيدان قويدۇق.

مېڭكىجىرېگالا مۇنداق دېدى: جاۋاپ خەتتىكى ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تارقاتقىلى بولۇش، ساقلاپ قالغىلى بولۇش دېگەن سۆزلەر بىزگە ئىجادىيەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىچكى موڭغۇلدا «ئۇلانمۇچىر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، خەلق ئارىسىغا بېرىش» ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ئۇلانمۇچىر ئويۇن قويغاندىكى ئامما نىسبى توپلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە تارماقنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى سۆزلەش، مەدەنىيەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالىنىش جەھەتتە ياردەم بېرىش، يېزا دېھقانچىلىق ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنىي ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، چەت يىراق دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئۇنۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، بۇ پائالىيەتنى تېخىمۇ قېلىپلاشقان ۋە تۈزۈملەشكەن قىلدى.

60 نەچچە يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇلانمۇچىر ئەزالىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگەرمىدى. 77 ياشلىق باتۇرچاۋلۇ سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىرنىڭ 1- ئەۋلاد ئەترەت ئەزاسى، ئىلگىرى بەش قېتىم ئەترەت باشلىقى بولغان. باتۇرچاۋلۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى جاۋاپ خەت يازغاندىن كېيىن، ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە بىر ئۆمۈر «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت چەۋەندازى» بولۇپ، ئۇلانمۇچىر ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىمىز، قانچىلىك جاپا بولسىمۇ شۇنچە تاتلىق ھىس قىلىمىز دەپ ئويلىدۇق.