ئاز سانلىق مىللەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىدىغانغا يەنە 30 كۈن ۋاقىت قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىدىغانغا يەنە 30 كۈن ۋاقىت قالدى، ھەر قايسى تەرەپنىڭ خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە.

بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېڭجۇ شەھىرىدىكى ئالتە مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سەككىز مۇسابىقە نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش موراسىمى، يېپىلىش موراسىمى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە ۋە 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە جېڭجۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. مىللەتلەر چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى مۇسابىقە يوق كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە مەشئەلگە 2019-يىلى 5-ئايدا «دۇنيا ماددىي مىراسلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن جېڭجۇ دېڭفېڭ تارىخىي ئىمارەتلەر توپىدىكى كۆزىتىش سۇپىسىدا ئوت تۇتاشتۇرۇلدى. 5-ئايدىن 8-ئايغىچە توردا مەشئەل يەتكۈزۈلدى، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى جېڭخۇ شەھىرىنىڭ شەھەر يادرولۇق رايونىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خېنەندىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردىن كەلگەن 4200 ئوقۇغۇچى ۋە تاگۇ ۋۇشۇ مەكتىپىدىن كەلگەن 2800 ئوقۇغۇچى كوللېكتىپ ئارتىس سۈپىتىدە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر قايسى مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ 300 دىن كۆپرەك كەسىپىي ئارتىس نۆۋەتتە رەپىتىسكە قاتناشماقتىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 7009 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىكەن، رېپپېر، تېخنىكا ئەمەلدارى قاتارلىقلار ۋە ئويۇنغا قاتنىشىدىغان سەنئەتكارلار 20 مىڭدىن ئېشىشى مۈمكىن. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مەرۋايت توپ، ئەجدىھا كېمە، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە ئات ئويۇنى قاتارلىق 17 خىل مۇسابىقە تۈرى ۋە ئويۇن تۈرى تەسىس قىلىنىدىكەن. ھازىر بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر جىددىي مەشقنى باشلىۋەتتى.