70 يىلدىن بۇيان ئاھالىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 59.2 ھەسسە ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى يۈرۈشلۈك دوكلاتىنىڭ 14-سى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئايان بولىشىچە، 70 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشقان، ئاھالىلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسى كۆرىنەرلىك ئۆسكەن. 1949-يىلى ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 49.7 يۈەن ئىدى، 2018-يىلى ئاھالىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 28228 يۈەنگە يېتىپ، نامدا 566.6 ھەسسە ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە 59.2 ھەسسە، يىلىغا ئەمەلىيەتتە %6.1 ئاشقان.