مۇتەخەسسىسلەر: مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 7-ئايلىق ئاھالىلار ئىستىمال باھاسى كۆرسەتكۈچى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 7-ئايدىكى ئاھالىلار ئىستىمال باھاسى كۆرسەتكۈچى %0.4 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان، ئېشىش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت كېڭەيگەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: 7-ئاي ئاھالىلار ئىستىمال باھاسى كۆرسەتكۈچىنىڭ يىل ئىچىدىكى يۇقۇرى نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، يىل ئىچىدە مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش بېسىمىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، بۇ پۇل سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە روشەن توسالغۇ بولمايدۇ.