جېجياڭدا «لېكىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنىدا 39 ئادەم قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جېجياڭ ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىيە كۆرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت يەتتىگىچە، «لېكىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنىدا 6 مىليون 679 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 39 ئادەم قازا قىلغان، توققۇز ئادەم يوقاپ كەتكەن، 1 مىليون 260 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 234 مىڭ گېكتار يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 41 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ ۋەيران بولغان. ھازىر جايلاردا ئىزدەش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ.