«لېكىما» ناملىق تەيفېڭ شەندۇڭدا 2-قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

11-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە «لېكىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنىڭ تەسىرىدە جېجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردە 6 مىليون 510 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، 1 مىليون 456 مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جېجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا 30 مىڭدىن كۆپرەك ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر-جەڭچىسى خەتەرگە يولۇققانلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىدى. جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئاشلىق ماددىي ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ جېجياڭدىكى خەتەرگە يولۇققان رايونغا 10 مىڭ قاتلىما كارۋات قاتارلىق مەركەزنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەپ بەردى.

جېجياڭ ئۆلكىسى كەلكۈندىن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوم،اندانلىق شتابىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 13 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە «لېكىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنىدا جېجياڭدا 32 كىشى قازا قىلغان، 16 كىشنىڭ ئىز دېرىگى بولمىغان، ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلار خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال تەشكىللىگەن.

«لېكىما» ناملىق تەيفېڭ جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ خۇاڭداۋ رايونىدا دېڭىزنى بويلاپ يەنە بىر قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقتى. قۇرۇقلۇققا چىققاندا مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا ئەڭ زور شامال كۈچى 9 بالغا يەتكەن. «لېكىما» نىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشى چىڭداۋغا بىر قەدەر زور شامال ۋە يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ئېلىپ كەلمىدى، بىراق 8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتىن باشلاپ، شەندۇڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا داۋاملىق قارا يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا ئاپەت يۈز بەردى.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدە 46 مىڭ 300 گېكتار يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 106 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 547 مىليون يۇەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا-ئىگىلىكى ئىقتىسادىي زىيىنى 404 مىليون يۇەن بولغان. «لېكىما» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىگە قارىتا، شەندۇڭدىكى جايلار، تارماقلار پائال تاقابىل تۇرغان. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 15 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېيفاڭ، لىنيى، رېجاۋ قاتارلىق 12 شەھەردە 108 مىڭ 684 كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەيفېڭنىڭ شىمالغا يۈرۈشىگە ئەگىشىپ، تەدرىجىي ئاجىزلىدى، ئەمما ئۇزاق ۋاقىت ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرى يەنىلا زور بولماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمالدا زور دائىرىدە يامغۇر يېغىشى مۈمكىنكەن.