شانلىق 70 يىل
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:55








جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنشەن غەربى ۋوگزالىدا، ئەنشەنگە ئوينىغىلى كەلگەن لياۋياڭلىق قىز يۈ جياخۈي «قاتناش ئاپتوموبىلى» غا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېز ھەم قولاي ۋە ئازادە بولغان تېز سۈرئەتلىك پويىز مۇلازىمىتىنى چىن كۆڭلىدىن ماختىدى. ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا ئون نەچچە مىنۇت يىراقلىقتىكى ئەنشەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ رېلس لىمى سېخىدا، زاۋۇت باشلىقى يەن جېڭتەي سەپداشلىرىنى باشلاپ ئەڭ يېڭى رېلس زاكىسى ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتمەكتە ئىدى.

يەن جېڭتەي مۇنداق دېدى: 25 مېتىرلىق رېلستىن ھازىرقى يۈز مېتىرلىق رېلىسنى ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىمىز دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. پولات رېلىسلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى رېلس بارلا جايدا ئەنگاڭنىڭ پولات رېلىسى چوقۇم بار.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول رېلىسىنىڭ 10 ىنىڭ 7 سى لياۋنىڭدىن چىققان، ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يۈز مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك رېلس 1 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بېشى بىلەن ئايىغىنى تۇتاشتۇرۇدىغان مۇساپە 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىگە تارقالغان.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، «خاسىيەتلىك كېمە 11-نومىر» لىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۇزۇن سەپەر 2- نومىرلىق FI 11 توشۇغۇسى راكېتا بىلەن ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى، ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق دېتالى-«ئايرىشنى تۇتاشتۇرغۇچى ئاپپارات» لياۋنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان. «جياۋلۇڭ» ناملىق غەۋۋاس كېمىسىدىن «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىزغىچە، تۇنجى ئىستانوكتىن تۇنجى ئاۋىئاماتكىغىچە، C919 تىپلىق ئايروپىلاندىن شياڭگاڭ، جۇجياڭ، ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىگىچە، لياۋنىڭ ياسىمىچىلىقى پۈتۈن جۇڭگوغا تارقىلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

7-ئايدىكى داليەندە مەيىن دېڭىز شامىلى چىقىپ،قۇياش نۇرى ئىللىق ئىدى. 13-نۆۋەتلىك يازلىق داۋۇس مۇنبىرى دۇنياغا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن «لياۋنىڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى» نى نامايەن قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە داليەن شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۆزىلا پۈتۈن شەرقى شىمالنىڭ %40 نى ئىگىلەپ تۇرماقتا. داليەن شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گوجى مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ھاياتى كۈچى، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى داۋاملىق نامايەن قىلىپ، تاشقى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈۋاتىمىز.

ئىسلاھات تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئىكىلوگىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈش كېرەك.

لياۋنىڭنىڭ بېنشى شەھىرى پولات تۆمۈرى بىلەن داڭلىق، بىر مەھەل «سۈنئى ھەمرادا كۆرۈنمەيدىغان شەھەر» گە ئايلانغان ئىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبىيى رايونى بولغان بىنشى شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن «ئىكىلوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش قانۇنى تۇرغۇزۇش» بايلىق ماركىسىنى يارىتىپ، «كۆرۈنمەيدىغان» شەھەردىن «كۆرۈپ قانمايدىغان شەھەر» بولۇشتەك گۈزەل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بېنشى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ شياۋلىن مۇنداق دېدى: ئىكىلوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈش- يېشىل تەرەققىيات، يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى بىر ئىدىيە، ئالدى بىلەن ئىكىلوگىيەنى ياخشى قوغداپ، بۇلغىنىشنى ياخشى تىزگىنلەپ، ئاندىن يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.